باش بەت  كروران مەدەنىيىتى  ئاسپىرانت،چەتئەلگە چىقىش  ماتىماتىكا  ئېنگىلىز تىلى  تەرمىلەر 
كروران بلوگى قۇرۇلغىلى
  •     

  •       يېقىندىن بلوگىمنىمۇ ياسىمىدىم،ماقالىمۇ يوللىيالمىدىم.نىمىگە ئالدىراش دەمسىز؟شۇ خىزمەتنىڭ ئىشى.خىزمەتكە ئېرىشەلمەستە شۇنداق خىزمەت قىلغۇمىز كېلىپ كېتىدىكەنيۇ خىزمەتكە كىرىپ بېسىمدىن نېرى بولالماي سەل زېرىكىپمۇ قالىدىكەن كى...


  • سىز بۇ دۇنيادىكى سىرلىق تەقدىرگە ئىشىنەمسىز؟ ئا كىشى سىزگە ئەڭ كۆڭۈل بۆلىدىغان كىشىدۇر،ب كىشى سىزنى ئەڭ چۈشىنىدىغان كىشىدۇر.سىلەر بىرگە بولساڭلار ئۆز-.ارا قارشى ...

  • ھەركىم يازسا ئۆزتىلدا ئەسەر ،
      
    ئانا-تىل ئۈچۈن جېنىم مىڭ پىدا.
       
    يوقالسا ئانا-تىل ئەتە ئەگەر
    !!!
              
    بۈگۈنلا مەن بولاي جېنىمدىن جۇدا

  • سىز بۇ يىل ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرىدىغان ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى بولسىڭىز بۇ ئادرىسلارنى چوقۇم ساقلىۋېلىڭ،چوقۇم ئەسقېتىپ قالىدۇ.

  • نۆۋەتتە،ئۆزى نۇمۇر چېكىنى بېكىتىدىغان 34 ئالىي مەكتەپ2009-يىللىق ئاسپىرانتلىق ئىمتاھانى يۈز تۇرانە ئىمتاھانىنىڭ نۇمۇر چېكىنى ئېلان قىلدى.كۆپساندىكىلىرىنىڭ نۇمۇر چېكى ئۆتكەن يىلقىدىن چۈشكەن،مەسىلەن چىڭخۇا ئۇنۋېرسىتىتىنىڭ پەلسەپە كەسپىنىڭ بۇ يىلقى نۇمۇر چېكى 345،ئۆتكەن يىل بولسا 355 ئىدى.ئىقتىساد كەسپىنىڭ نۇمۇر چېكى 15 نۇمۇر چۈشكەن.بېيجىڭ ئۇنۋېرسىتىتىنىڭ نۇرغۇن كەسىپلىرىنىڭ نۇمۇر چېكى ئۆتكەن يىلقىدىن 5~10 نۇمۇر چۈشكەن

  • بىلەمسىز ئاپا ئېشىكتىن كىرگىنىمدە «ئاپا» دەپ ئەركىلەپ بوينىڭىزدىن قۇچاقلىغۇم،ئەكىلىڭ مەن قىلاي دەپ پەرتۇقنى تارتىۋالغۇم كېلىدۇ،بىراق شۇنداق قىلالمىدىم!قۇچىقىڭىزدا يېتىپ تېلىۋېزور كۆرگۈم،ھارغىنىڭىزدا مۆرىڭىزنى تۇتۇپ پۇتلىرىڭىزنى سىلىغۇم كېلىدۇ-يۇ شۇنداق قىلالمىدىم. كوچىلاردا بېلىكىڭىزدىن قولتۇقلاپ ماڭسام كىشىلەرنىڭ ھەۋەس بىلەن قارىشىدىن سۆيۈنۈپ كېتىدىغىنىڭىزنى بىلىپ تۇرۇپ سىزگە كۆپرەك ھەمراھ بولالمىدىم...

  • 1. سىزنى ھەقىقىي ياخشى كۆرىدىغان ئەر، سىزنىڭ قەيىرىڭىزنى ياخشى كۆرۈپ قالغانلىقىنى بىردەمدىلا ئېيتىپ بېرەلمەيدۇ.پەقەتلا بىلىدىغىنى ئۇ باشقىلارغا دىققەت قىلىشقا ئۈلگۈرەلمىگەن.
          
    2.سىزنى ھەقىقىي ياخشى كۆرىدىغان ئەر،ئەمىليەتتە دا...

  • فورد مۇكاپاتى ۋە ئۇيغۇر ياشلىرى

    1.فورد مۇكاپاتىنىڭ نىشانى
    فورد مۇكاپاتى تەرەققىي قىلىۋاتقان ئەللەردىكى ياشلارغا مۇۋەپپىقىيەت پۇرسىتى يارىتىپ ئىنسانىيەتنىڭ ئورتاق مۇۋەپىقىيەت  قۇچۇشنى مەقسەد قىلغان مۇكاپات فوندىدۇر.
    بۇ مۇكاپا...

  • ئەينى ۋاقىتتىكى بۇ رەسىمنى يەنە بىر كۆرۈپ،يەنىلا شۇنداق ھاياجانلانماقتىمەن....

  • مىنى ياقتۇرۇپ قالغانلىقىڭغا چىرايلىق بولغانلىقىم سەۋەب بولغان بولسا،ئۇنداقتا بۇ مۇھەببەت ئەمەس،بەلكى ئەس-ھۇشىنى يوقاتقانلىق.
    ماڭا كۆيگەنلىكىڭگە باشقىلارنىڭ بىزنى«كېلىشكەن بىر جۈپلەر»دېيشى سەۋەب بولغان بولسا،ئۇنداقتا بۇ مۇھەببەت ئەمەس،ب...
  • بىل شۇنى،ئۇيغۇر ئۈچۈن پۈتمەس گۆھەر ئۇيغۇر تىلى،
    مەڭگۈ پاتماس زەر قوياش،نۇرلۇق قەمەر ئۇيغۇر تىلى،
    بىپايان تىل كۆكىدە چولپان، ھۈكەر ئۇيغۇر تىلى،
    مەنىلەرگە باي تېرەندۇر شۇ قەدەر ئۇيغۇر تىلى،

  • ئاڭلىمىغانلار ئاڭلىدىڭلارمىكىن، ئاۋالقى ئالەمدە ئاشكارلانمايۋاتقان ئاجايىپ ئالامەتلەرنىڭ ئاشكارلانغانلىقىنى، ئالاقىدار ئاخباراتچىلارنىڭ ئاغزىدىن ئاڭلىشىمچە،  ئارخولوگلار ئالەمنى ئاختۇرغاندا ئاۋالقى ئالەمدە ئاشكارلانمايۋاتقان ئاجايىپ ئالامەتلەر ئاشكارلانغانمىش.
    ئاۋالقى ئالەمدە ئادەملەر ئارىسىدىكى ئادالەتسىز ئاقسۆكەڭلەر ئاجىزلارنى ئازابلاپ، ئالجىغانلارنى ئازدۇرۇپ، ئاتامانلارنى ئاغدۇرۇپ ئالەمنى ئادالەتسىز ئاقسۆكەڭلەر ئارام ئالىدىغان ئادەمسىمان ئالۋاسىتىلارنىڭ ئارامگاھىغا ئايلاندۇرۇشقا ئالدىرىسىمۇ،  ئاتامانلارنى ئاغدۇرالماي، ئاقىللارنى ئازدۇرالمايۋاتقان ئادالەتسىز ئاقسۆكەڭلەر ئاللىقاچان ئاغدۇرۇلۇپ، ئادەمسىمان ئالۋاستىلار ئاللىقاچان ئاشكارىلانغاچقا،  ئالەم ئادالەتسىز ئاقسۆكەڭلەرنىڭ ئارامگاھىغا ئايلانماستىن، ئادالەتپەرۋەرلەر

  • شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونى تۇنجى نۆۋەتلىك « ئوتتۇرا باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ساغلاملىق تەربىيىسى يېتەكچىلىك تىزىسى» پات ئارىدا ھەر قايسى ۋىلايەت،ئوبلاستلىق مائارىپ ئىدارىلىرىغا تارقىتىلىدۇ. تىزىسقا ئاساسلانغاندا، ئەيدىزدىن مۇداپىئەلىنىش، ئوقۇغۇچىلارنىڭ پىسخىك ساغلاملىقى، تازىلىق ئادەتلىرىنى يېتىلدۈرۈش قاتارلىقلار نۇقتىلىق ئۆتۈلىدىغان مەزمون قاتارىغا كىرگۈزۈلگەن. ئاتا-ئانىسى ئاجرىشىپ كەتكەن ئائىلىلەر قاتارلىق ئىجتىمائىي مەسىلىلەرمۇ مەخسۇس تىما قاتارىغا كىرگۈزۈلۈپ، تۇنجى قېتىم يېڭى دەرىسلىككە كىرگۈزۈلۈپ مۇلاھىزە قىلىنغان

  • بۈگۈن سىناق تەرىقىسىدە ئالىماما ئېلانى ئىلتىماس قىلىنىپ بلوگنىڭ باش بەتنىڭ كۆرۈنەرلىك ئورنىغا قىستۇرۇلدى، تېخى رەسمى تەستىقلىنىپ ئېلان كۆرۈنمىدى، تورداشلارنىڭ باش بەت قىسمىدىكى ئالىماما ئېلانىنى چېكىپ قويۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
  • 5. ئانا تىلنىڭ تەقدىرى ئۆزىڭىزنىڭ قولىدا
    ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇرلار بالىسىنىڭ تىلىنى ئۇيغۇرچە چىقىرالىغان يەردە، ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئۇيغۇرلار تېخىمۇ شۇنداق قىلالايدۇ. بۇ يەردىكى گەپ ئاشۇ بالىلارنىڭ ئاتا-ئانىسىنىڭ قانداق يولنى تاللىشىدا. مەن ئۆزۈمنىڭ ئالدىنقى يازمىسىدا ھەر بىر ئادەمنىڭ رولى بىلەن نىشانى ئۈستىدە ئازراق توختالدىم. مەن ئۇنى بۇ يەردە يەنە بىر قېتىم ئەسكەرتىپ قوياي: سىزنىڭ ئاتا-ئانا بولۇش ۋە ئۇيغۇر بولۇشتىكى ئەڭ مۇھىم رولىڭىز ۋە نىشانىڭىز نېمە؟ سىز ئۆزىڭىزنىڭ بىر ئۇيغۇرلۇق رولىنى جارى قىلدۇرۇشتا، پۈتۈن ئۇيغۇر دىيارى مىقياسىدا نېمە ئىش قىلىپ بېرەلەيسىز؟ سىز تۇرۇۋاتقان شەھەر دائىرىسىدە نېمە ئىش قىلىپ بېرەلەيسىز؟ سىز تۇرۇۋاتقان يېزا دائىرىسىدە نېمە ئىش قىلىپ بېرەلەيسىز؟ سىز ئىشلەۋاتقان مەكتەپ ياكى ئىدارە دائىرىسى ئىچىدە نېمە ئىش قىلىپ بېرەلەيسىز؟ ئۆزىڭىزنىڭ ئائىلىسى دائىرىسىدە نېمە ئىش قىلىپ بېرەلەيسىز؟ ئۇيغۇر تىلىنىڭ تەقدىرى ئۇيغۇرلارنىڭ قولىدا. ئۇيغۇر تىلىنىڭ بۇنىڭدىن كېيىن قايسى تەرەپكە يۈزلىنىشىنى ھەر بىر ئۇيغۇر تاللىغان يول بەلگىلەيدۇ. ئەگەر ئانا تىلىمىز ساقلىنىپ قالسۇن دېسىڭىز، سىز ھازىردىن باشلاپ باشقىلارغا دۆڭگەش ياكى مىللەتنى ئەيىبلەش ئادىتىڭىزنى تاشلاپ، ئانا تىلىمىزنى قوغداپ قېلىش ۋە راۋاجلاندۇرۇش يولىدا ئۆزىڭىز قىلالايدىغان ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى قىلىشقا تىرىشىپ ياشاڭ. بەزى ئىشلارنى ئۆزىڭىز قىلىڭ. بەزى ئىشلارنى بولسا ئۇيغۇرلار ئىچىدىن چىققان ئەمەل ئەھلىلىرىگە قىلدۇرۇشقا تىرىشىڭ.
  • باشلانغۇچتا ئانا تىلنى ئالدىدا ئۆگىتىش زۆرۈرلىگىنىڭ ئىلمىي ئاساسلىرى
    ئەركىن سىدىق
    2008-يىلى 12-ئاينىڭ 18-كۈنى
    مەن يېقىندا ئۇيغۇر دىيارىدىكى بىر تونۇشۇم بىلەن تېلېفوندا پاراڭلىشىۋېتىپ، مۇنداق بىر ئەھۋالنى ئۇقتۇم: ئۇ ئۈرۈمچىدىن جەنۇبتىكى بىر ناھىيىگە بىر يىللىق خىزمەتكە بارغان بولۇپ، ئەمدى 6 ياشقا كىرگەن قىزىنىڭ ئانا تىلدىن ساۋاتىنى ياخشىراق چىقىرىش ئۈچۈن شۇ ناھىيىگە ئۆزى بىلەن بىرگە ئېلىپ بېرىپتۇ. ھەمدە شۇ ناھىيە بازىرىدىكى بىر باشلانغۇچ مەكتەپكە بېرىپتۇ. لېكىن، كېيىن قارىسا، ئۇ مەكتەپتىكى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ھەممىسى ئۇيغۇر، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھەممىسىمۇ ئۇيغۇر بولسىمۇ، ...
  • ماتېماتىكا ئۆگىنىشنىڭ ئەھمىيىتى ۋە ئۇسۇلى
    ئابدۇخالىقجان ئابلىمىت قۇتلان
    "ماتېماتىكا" گېرىكچە "ماتىما (ئىلىم-پەن)" دېگەن سۆزدىن ئېلىنغان بولۇپ، ماتېماتىكا رېئال دۇنيادىكى بوشلۇق شەكلى بىل...
  • ئاپتۇر تاشپولات روزى ئەپەندىم ئامېرىكىدىكى بىر ئالى مەكتەپتە خىزمەت قىلىدۇ، شىنجاڭ ئۇنۋېرسىتىتىنىڭ ماتېماتىكا فاكولتىتىنى بىزدىن بىر يىل بۇرۇن(1984- bidar-qutlanيىلى) پۈتتۈرگەن. ئاپتۇر ھەققىدىكى باشقا تەپسىلاتلارنى ئامېرىكىدىكى قىرىنداشلاردىن ئاڭلىغايم...
  • مەن ئالدىنقى ماقالەمدە «كۆڭۈلنى پروگراممىلاش» ۋە مېڭە بىلەن بەدەننىڭ مۇناسىۋىتى ئۈستىدە توختالدىم. مۇشۇ ئۇقۇملارغا ناھايىتى يېقىن بولغان يەنە بىر ئۇقۇم بار. ئۇ بولسىمۇ، ئادەملەرنىڭ مېڭىسىنىڭ ئوڭ مېڭە بىلەن سول مېڭىدىن ئىبارەت ئىككى پارچىدىن تەشكىل تاپىدىغانلىقىدىن ئىبارەت. مېڭە ئىشلىتىش ئەھۋالىنىڭ ئوخشىماسلىققا قاراپ، ئادەملەرنى مۇنداق ئۈچ خىلدىكى ئادەملەرگە ئايرىش مۇمكىن: سول مېڭىسى ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلەيدىغانلار، ئوڭ مېڭىسى ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلەيدىغانلار، ۋە ئىككىلا مېڭىسىنى ئوخشاش دەرىجىدە ئىشلىتىدىغانلار. مەن بۇرۇن بۇ ھەقتە بەزى گەپلەرنى ئاڭلىغان، بەزى نەرسىلەرنى ئوقۇغان بولساممۇ، ئۇلارغا دېگەندەك قېتىرقىنىپ دىققەت قىلىپ كەتمىگەن ئىكەنمەن. مەن بىلىمەن، ئۇيغۇر دىيارىدىكى نۇرغۇن قېرىنداشلىرىمىز ھازىر قانداق قىلىپ ئاچ قالماسلىق، يالىڭاچ قالماسلىق، ئويسىز قالماسلىق ئۈچۈن تىرىشىپ-تىرمىشىۋاتىدۇ. مىللەتنىڭ ئەڭ چوڭ غەم-قايغۇسى قانداق قىلىپ مىللىي مەۋجۇتلۇقنى ساقلاپ قېلىشتىن ئىبارەت بولۇۋاتىدۇ. مۇشۇنداق بىر ئەھۋال ئاستىدا، ئوڭ مېڭە بىلەن سول مېڭە ھەققىدىكى ئۇچۇرلارنىڭ ھازىرچە بىر قىسىم كىشىلەرگە ئانچە كېرىكى بولماسلىقى تۇرغانلا گەپ. لېكىن، ئۇيغۇرلار ئىچىدە ئاساسلىقى ئەقلىي ئەمگەك بىلەن شۇغۇللىنىدىغان كىشىلەر، مەسىلەن، ئەمەل ئەھلى، ئوقۇغۇچى، ئوقۇتقۇچى، مائارىپچى، زىيالىي، تەتقىقاتچى، يازغۇچى، شائىر، ۋە كومپوزىتورلارمۇ ئاز ئەمەس. بۇ قېرىنداشلىرىمىز ئۆزىنى ئىلمىي ئاساستا قانچە تولۇق چۈشەنسە، ئۆزىنىڭ يوشۇرۇن قابىلىيىتىنى شۇنچە ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، تېخىمۇ سىستېمىلىق، تېخىمۇ ئىلمىي ۋە تېخىمۇ رەتلىك بولۇپ، تۇرمۇشنىڭ ھەممە ساھەلىرىدە بۇرۇنقىدىن ياخشىراق نەتىجىگە ئېرىشەلەيدۇ. بۇ نۇقتا ياش-ئۆسمۈرلەر ئۈچۈن تېخىمۇ مۇھىم